خەۋەر تەپسىلىي ئۇچۇرى

بالىلارنىڭ قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بارغانسېرى ئاشماقتا

مەنبەسى: با لىلار ساغلاملىقى كىتاۋىدىن ئاپتورى: ئىسمىنى يوشۇرۇش ۋاقتى: 2013/1/6 ئۆگەرتىلگەن ۋاقتى: 2013/1/6

تەۋەلىكى: بالىلار ساغلاملىقى ئاۋاتلىقى:1402

بالىلارنىڭ قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بارغانسېرى ئاشماقتا
كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، قەنت كېسىلىنىڭ بالىلار ئارىسىدا تارقىلىش نىسبىتى كۈنسېرى ئاشماقتا. بولۇپمۇ Ⅱ تىپلىق قەنت كېسىلى ھازىر بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق كېسەللەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. كلىنىكىلىق ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپ ساندىكى بالىلارنىڭ قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى زىيادە سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. %80 تىن ئارتۇق قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ زىيادە سېمىزلىك كېسەل تارىخى بار ئىكەن. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بالىلارنىڭ زىيادە سەمرىپ كېتىشى، ئۇلارنىڭ قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ قالغان.
بالىلىق دەۋرى ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ مۇھىم باسقۇچى. شۇڭا ئاتا – ئانىلار بالىلارنى زىيادە ئەتىۋارلاشتىن ساقلىنىپ، ئۇلارنىڭ تاماق تاللاش، ئەتىگەندە ناشتا قىلماسلىق، زىيادە تېلېۋىزور كۆرۈش، ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق ئويناش، سىرتتا ھەرىكەت قىلماسلىقتەك ناچار ئادەتلىرىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ بەدىنىدە ياغنىڭ زىيادە يىغىلىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
بالىلار ساغلاملىقى كىتاۋىدىن ئىلىندى

خەۋەر تۈرلىرى
ئۇلىنىشلار 
新ICP备14000559号-1