خەۋەر تەپسىلىي ئۇچۇرى

زۇكام دورىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بالىلارغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ

مەنبەسى: با لىلار ساغلاملىقى كىتاۋىدىن ئاپتورى: ئىسمىنى يوشۇرۇش ۋاقتى: 2013/1/6 ئۆگەرتىلگەن ۋاقتى: 2013/1/6

تەۋەلىكى: بالىلار ساغلاملىقى ئاۋاتلىقى:1495

زۇكام دورىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بالىلارغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ
يېقىندىكى بىر تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بازارلاردا سېتىلىۋاتقان كۆپ ساندىكى زۇكام دورىلىرىدا بالىلارغا ئېغىر ئەكس تەسىر كۆرسىتىدىغان تەركىبلەر بولۇپ، ئېغىر بولغاندا بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغانلىقى بايقالغان، ھەم ئىككى ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا زۇكام دورىسى بەرمەسلىك، ئالتە ياشتىن يۇقىرى بالىلارغا دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېھتىيات بىلەن دورا بېرىش، 12ياشتىن تۆۋەن بالىلار زۇكام بولغاندا، دورا چۈشەندۈرۈشىدىكى تەلەپ بويىچە رېتسېپسىز زۇكام دورىسىنى توغرا تاللاپ ئىستېمال قىلىش تەكلىپى بېرىلگەن.
يېقىندا ئەنگلىيە دورا ۋە داۋالاش مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزىدىن كەلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، ئەنگلىيە بازىرىدا سېتىلىۋاتقان 69 خىل بالىلار زۇكام، يۆتەل دورىسىنىڭ ‹‹ئۈنۈملۈك داۋالاش رولى يوق››لۇقى ھەم بۇ دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرى بالىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغانلىقى، كۆپ ساندىكى زۇكام دورىلىرىدىكى بۇرۇن بوشلۇقى شىلىمشىق پەردە قان تومۇرىنى تارايتىدىغان 15خىل تەركىبكە جىددىي قاراش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن. بۇ ساختا ئېفېدرىن، ئېفېدرىن، نېئوفرىن، ئوكىس مېتازولىن؛ ھېستامىنغا قارشى دورىلار –– بېنادرىل، خلور فېنىرامىن، پرومېتازىن، ترىپرولىدىن، دوكسىلامىن؛ يۆتەل توختىتىدىغان دورىلاردىن دىكسترو مېتوتارپان، فونكودىن، گېيفنسېن، قۇسۇشنى توختىتىش دورىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىزدە ئىشلەنگەن زۇكام دورىلىرىدا بۇ 15خىل تەركىبنىڭ بىرى ياكى بىر نەچچە خىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بايقالغان. مۇتەخەسسىسلەر بۇ تەركىبلەر بالىلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

خەۋەر تۈرلىرى
ئۇلىنىشلار 
新ICP备14000559号-1