مەھسۇلات تەپسىلىي ئۇچۇرى

ئوكسىگىن ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى

ۋاقتى:2017/6/1 ئاۋاتلىقى:1521 تەۋەلىكى:ساغلاملىق مەھسۇلاتى
ئوكسىگىن ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
1. بۇ ئۈسكۈنە ھەر مىنۇتتا ئۈچ لېتىرلىق ئېقىم مىقدارى بىلەن، قويۇقلۇقى %90-%96 گىچە، يەنە ئوتتۇرىچە %93 لىك ئۆلچەم بويىچە ئوكسىگىن ئىشلەپچىقىرىدۇ ۋە شۇنداقلا نەپەس يوللىرى يۇقۇملىنىش ۋە ياللۇغلىنىش، كاناي شاخچە ياللۇغى، دەم سىقىلىش، زىققا كېسىلى، ئانگىنا، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر ئۈچۈن خېمىيىلىك دورا بىلەن تۈتەك سۈمۈرۈپ (雾化) داۋالىنىش مەشغۇلاتى قىلىشقا بولىدۇ.
2. ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقارغان ئوكسىگىننىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى ۋە رولى: يۈرەك ۋە مېڭىگە ئوكسىگىن تولۇقلاپ، قان تومۇرلار توسۇلۇش ۋە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ياخشىلاش، مېڭە يىگىلەش، توسۇلۇش ۋە قان نوكچىسى پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، باش ئاغرىش ۋە قېيىش، ئۇيقۇسىزلىق، ھارغىنلىق، ئۇنتۇغاقلىق، يۈرەك ئېغىش، سانجىلىش، كۆكرەك چىڭقىلىش ۋە نەپەس يېتىشمەسلىك قاتارلىق ئالامەتلەرنى تۈگىتىش ۋە پۈتۈن بەدەن ئورگانىزمىنىڭ ئوكسىگىنغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەت.
3. ئوكسىگىن سۈمۈرۈش مەشغۇلاتى: (1) سۇ قاچىسىغا پاكىز سوغۇق سۇدىن يېرىم قاچىلاپ، ئوكسىگىن چىقىدىغان ئېغىزغا مەھكەم ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاندىن توكقا چاتىمىز ۋە ئۈسكۈنىنى قوزغىتىمىز. مەشغۇلات جەريانىدىكى ھەربىر سىكۇنت ئارىلىقىدا چىقارغان ئاۋاز نورمال ھالەتتىكى ھاۋا چىقىرىش ئاۋازىدۇر.
(2) ئوكسىگىن سۈمۈرۈش ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەڭشىگۈچنى يۇقىرى-تۆۋەن چۆرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ. سۈمۈرۈش ۋاقتى ۋە مىقدارىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەش ۋە ياكى دوختۇردىن مەسلىھەت ئېلىش كېرەك. ئادەتتە ھەر قېتىملىق ئىشلىتىش ۋاقتى 30 مىنۇت ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
(3) سۈمۈرگۈچنىڭ بىر ئۇچىنى بۇرۇن تۆشۈكىگە سېلىپ، يەنە بىر ئۇچىنى سۇ قاچىسى ئۈستىدىكى ئوكسىگىن چىقىرىش ئېغىزىغا ئۇلاش كېرەك.
(4) ئوكسىگىن سۈمۈرۈش ئاياغلاشقاندا ئۈسكۈنىنى ئېتىپ سۈمۈرگۈچنى ئېلىۋېتىش كېرەك.
(5) ئەگەر خىمىيىۋى دورىلىق تۈتەك سۈمۈرۈپ داۋالىنىش زۆرۈرىيىتى بولغاندا دوختۇرنىڭ رېتسىپى ئارقىلىق دورا سېتىۋېلىپ، ئاندىن بۇ ئۈسكۈنىنىڭ مەخسۇس تۈتەكلەپ داۋالاشتىكى دورا سېلىش قاچىسىغا قويۇپ مەشغۇلات قىلىش كېرەك.
4. دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
(1) ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئەڭ ئاستىدىكى سۇلياۋ تاسمىنى كېسىپ ئېلىۋېتىڭ.
(2) ئۈسكۈنىنى ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ۋە كۈن نۇرى بىۋاسىتە چۈشمەيدىغان جايغا قويۇش، ھەر خىل ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى ۋە باشقا ئۆي سايمانلىرى بىلەن مۇۋاپىق ئارىلىق قالدۇرۇش كېرەك ۋە شۇنداقلا يۆتكەپ ئىشلىتىش جەريانىدا سافا ۋە كارىۋات ئۈستى قاتارلىق يۇمشاق جايلارغا قويماي لىڭشىپ تەۋرەپ كەتمەيدىغان، يۈزى تەكشى ئورۇنغا توختىتىش كېرەك.
(3) بىخەتەر ۋە لاياقەتلىك توك مەنبە چاتقۇچنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەك.
(4) مەشغۇلات جەريانىدا ئەگەر ئېقىم مىقدارى مىنوتىغا 0.5 دىن تۆۋەن بولۇپ قالسا سۈمۈرگۈچ يوللىرى ۋە سۇ قاچىسى ئۈستىدىكى تۆشۈكنىڭ توسۇلۇپ قالغان ياكى قالمىغانلىقىنى، سۇ قاچىسىنىڭ مەھكەم ئورنىتىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش كېرەك ۋە ئۈسكۈنە ئىشلەۋاتقاندا ئۇياقتىن-بۇياققا يۆتكەپ يۈرمەسلىك كېرەك.
(5) ئوكسىگىن كۆيۈشچان گاز بولغاچقا، ئۈسكۈنە ئوكسىگىن چىقىرىۋاتقاندا تاماكا چەكمەسلىك، ئوتتىن ۋە چاقماق، سەرەڭگە قاتارلىق ئاسان ئوت ئالىدىغان نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.
(6) ئۈسكۈنە ساتقان شىركەت خادىملىرىدىن باشقا ھەر قانداق كىشىنىڭ بۇ ئۈسكۈنىنى بۇزۇپ چۇۋۇشىغا بولمايدۇ. ئۈسكۈنىنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ساتقان كۈندىن باشلاپ بىر يىل بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن تەننەرقى بويىچە رېمونت مۇلازىمەت ھەققى ئېلىنىدۇ.
(7) بۇ ئۈسكۈنە جىددىي ۋە ئېغىر كېسەللەر ھەم ئوپىراتسىيە قىلىنغانلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كەلمەيدۇ.
5. نورمالسىز ئەھۋالدىكى سىگناللار
(1) ئۈزۈلدۈرمەي سىگنال چىقىپ، قىزىل چىراغ ئۇزۇنغىچە يېنىپ تۇرىۋالسا، توك مەنبەسىنى ئۈزۈپ قايتا قوزغىتىش كېرەك.
(2) كاشىلا كۆرۈلۈپ، قىزىل چىراغ بىلەن تەڭ سىگنال چىقسا ئېكراندا «E3» بەلگىسى چىقىدۇ، بۇ چاغدا مەشغۇلاتنى توختىتىش كېرەك.
(3) ئوكسىگىننىڭ قويۇقلۇقى %50 دىن تۆۋەن بولسا ئۈسكۈنە توختاپ قىزىل چىراغ ۋە سىگنال بىلەن تەڭ «1E» بەلگىسى چىقىدۇ. %82 دىن يۇقىرى بولغاندا يېشىل چىراغ يېنىپ ئۈسكۈنە نورمال ئىشلەيدۇ.
(4) ئوكسىگىننىڭ ئېقىم مىقدارى مىنوتىغا 0.6 لىتىردىن تۆۋەن بولسا قىزىل چىراغ ۋە سىگنال چىقىپ، ئېكراندا «E2» بەلگىسى كۆرۈلىدۇ ۋە ئۈسكۈنە توختايدۇ.
6. ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىش ۋە ئاسراش
(1) ئۈسكۈنىنى قۇرغاق، پاكىز، شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا قويۇش ۋە ھاۋا كىرىش-چىقىش تۆشۈكلىرى راۋان بولۇش كېرەك.
(2) بۇرۇنغا تىقىپ ئوكسىگىن سۈمۈرىدىغان سايمانلارنى بىرلا ئادەم مەخسۇس ئىشلىتىدۇ، باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن دۇكاندىن سېتىۋېلىش كېرەك.
(3) ئۈسكۈنە كەينىدىكى ھاۋا سۈزگۈچنى ئالتە ئايدا بىر قېتىم چىقىرىپ چوتكا بىلەن قالدۇق ئەخلەت، چاڭ-توزاڭلارنى تازىلاپ ئىشلىتىش كېرەك.
(4) يان تەرەپتىكى ھاۋا تۆشۈكى قاپقىغىنى تولغاپ ئېچىپ، ئىچىدىكى بۇلۇتسىمان سۈزگۈچنى يۇيۇپ تازىلاپ، قايتا ئىشلەتسە بولىدۇ، بىراق پۈتۈنلەي قارىداپ كەتكەندە يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش كېرەك.
(5) ھەر كۈنى ئوكسىگىن سۈمۈرۈشتىن بۇرۇن سۇ قاچىسى ئىچىدىكى قالدۇق سۇنى تۆكۈۋېتىپ پاكىز، يېڭى سۇ قويۇش، ئەگەر ئۈسكۈنىنى ئۇزۇنغىچە ئىشلەتمىگەندە قاچىدا سۇ ساقلىماسلىق كېرەك.
تېلېفون: 18129222214   13325532893    ئېلخەت ئادرېسى:  www.tumanyil.cn     تېلېفون: 8523813-0991          QQ:1679347495
مەھسۇلات تۈرلىرى
ئەڭ يېڭى مەھسۇلاتلار تېخىمۇ كۆپ...
 
ئۇلىنىشلار 
新ICP备14000559号-1